يۇلتۇزسوفت ھەققىدە

شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى.

يۇلتۇزسوفتنىڭ باشقۇرۇشىدا شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئىككى شىركەت بار. پات ئارىدا ئاقسۇغا شۆبە شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

يۇلتۇزسوفت ئاساسلىقى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار / بۇلۇت / چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش / سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما / مەھسۇلات ئىشلەش، IT تۈرلىرىنى پىلانلاش / مەھسۇلاتلاشتۇرۇش، ئىنتېرنېتقا يۈزلەنگەن كۆپ تىللىق سۇپا / يۇمشاق دېتال / تور بېكەت / ئەپ / ئۈندىدار ئەپچىسى / سالونلارنى ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش، ئىدارە-ئورگان، شىركەت-كارخانىلار ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ۋە يۈرگۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىكى، IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى، IT تېخنىكىلىرىدىن، تۈرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

يۇلتۇزسوفت ئىككى جايدىكى خىزمەت ئورنىدا 26 نەپەر يۇقىرى ساپالىق، تېخنىكىلىق خىزمەتچىلەر قوشۇنىغا، 500 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كۆلەمدىكى تىنچ، ئازادە، ئۆلچەملىك ئىشخانا مۇھىتىغا ئىگە.

يۇلتۇزسوفت شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نوپۇزلۇق IT شىركەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، IT تېخنىكىلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، قىيىن ئۆتكەللەرگە ھەمكارلىشىپ ھۇجۇم قىلىش، يېڭى ئىدىيەگە، ئىجادىيلىققا ئىگە ھەرقانداق ئورۇن، ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تۈر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىنى تۇتقان.

يۇلتۇزسوفت «قوش يۇمشاق دېتال كارخانىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتىغا ھەيئەت ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرىگە ھەيئەت ئەزا كارخانا» ۋە قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇمشاق دېتال كەسپىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكتىرون ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىش كەسپىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىش ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا» ۋە قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا ئاشكارا نەشر قىلىنىدىغان كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت بىردىنبىر ژۇرنال- ‹كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش› ژۇرنىلىغا مەسئۇل كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇمشاق دېتال ئىنستىتۇتىنىڭ پىراكتىكا بازىسى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچى كارخانا»، «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسى ‹گۇاڭدۇڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقۇچى› نامىنى بەرگەن كارخانا»، «خەلقئارا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشقان كارخانا»، «بەيدۇ شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا»، «ئالىيۈن شىركىتىنىڭ IDC ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا»، «تېڭشۈن شىركىتى ھوقۇق بەرگەن مۇلازىمەت كارخانىسى» قاتارلىق سالاھىيەت ۋە شەرەپلەرگىمۇ ئىگە.

يۇلتۇزسوفت يۇمشاق دېتال ئېچىش ساھەسىدە نىسبەتەن چوڭقۇر تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئىگە. ھازىرغا قەدەر 500 گە يېقىن شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. يۇلتۇزسوفت شۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ كۆپ تەۋسىيە قىلىنغان يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۇلتۇزسوفت شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقات دائىرىسىدە ۋاقىت، سۈپەت ۋە ئىقتىدارغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، ھەرقايسى ئورۇنلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ.

نۆۋەتتە، يۇلتۇزسوفت جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بازىرىغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.

ئەمەتجان رۇسۇل، ئەر، ئۇيغۇر، 1978-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئوقۇش تارىخىغا، شىئەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇشى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا ئاشكارە نەشر قىلىنىدىغان كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت بىردىنبىر ژۇرنال - «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى قاتارلىق سالاھىيەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

ئۇ پىروگرامما لايىھەلەش، يۇمشاق دېتال ئېچىش، يۇمشاق دېتال تۈرلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتتە 20 يىلدىن ئارتۇق تەجرىبىگە ئىگە، PHP/MYSQL,.NET,C/C# قاتارلىق پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ.

2001-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ تەكلىپلىك كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، «گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى» دا بىلىم ئاشۇرۇپ، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ جەرياندا ئۇ قاتناشقان «دۇنيا ئىقتىسادىنى كۆزىتىش ۋە پەرەز قىلىش سىستېمىسى» تۈرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى تەرىپىدىن «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 9-نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، ئۇ «گۇاڭدۇڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقۇچى ياش» نامىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى 2-ئايدا، بىر نەچچە كەسىپدىشىنى تەشكىللەپ، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىنى قۇرغان.

2011-يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا ئاشكارە نەشر قىلىنىدىغان كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت بىردىنبىر ژۇرنال - «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

2011-يىلى 12-ئايدا، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك (XJCFAN) شىركىتىنى قۇرغان.

2016-يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك (Yultuzsoft) شىركىتىنى قۇرغان.

2017-يىلى 4-ئايدا، ئۇ يازغان «ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچى پوزىتسىيە بىلدۈردى: ئىناق ئەلدە بەرىكەت بولىدۇ» ناملىق ماقالە خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئارقىدىنلا بۇ ماقالىنى دۆلەت ئىچىدىكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى، ياشىن تورى، شىنجاڭ تورى، قىزىلتاغ تورى، شىنلاڭ تورى، ئىلى تورى، شىچېڭ تورى، شىنجاڭ گېزىتى ئۈندىدار سالونى، دۆڭكۆۋرۈك خەۋەرلىرى ئۈندىدار سالونى قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ ئېلان قىلدى.

بۇ ماقالە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى يازغان تۇنجى پوزىتسىيە ماقالىسى بولۇپ، كارخانىچىلار ئىچىدە زور تەسىر قوزغىدى.

2017-يىلى 5-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى (خەنزۇچە قىسقارتىپ ئاتىلىشى: 新疆网信办) نىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئۇچتۇرپاندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى بىلەن، ئۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى مەكتەپ، ساقچىخانا، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا «پارتىيەدىن، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دۆلەت تىلى مائارىپىنى چىڭ تۇتۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە ئون نەچچە مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى.

بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ شىركەت كوللېكتىپىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى، دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چىقىش يولى تېپىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ جەرياندىكى ئىش ئىزلىرى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلاردا كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلدى.

تىجارەت كىنىشكىسى

شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى تىجارەت كىنىشكىسى

Yultuzsoft ماركىسى

شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى Yultuzsoft ماركىسى

تېلېگراف ئىجازەتنامىسى

تېلېگراف قوشۇلما قىممەت كەسىپلىرى تىجارەت ئىجازەتنامىسى

ئەزا كارخانا / پىراكتىكا بازىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتىغا ھەيئەت ئەزا كارخانا / شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇمشاق دېتال ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراكتىكا بازىسى

ئەزالىق گۇۋاھنامىسى / مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى

شىنجاڭ «IT ئۈچ جەمئىيىتى» ئەزالىق گۇۋاھنامىسى / يۇمشاق دېتال مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى

ئەزا كارخانا

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا

تۆھپىكار كارخانا

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسى «گۇاڭدۇڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقۇچى» نامىنى بەرگەن كارخانا

ھەمكارلىق كارخانىسى

بەيدۇ شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا / ئالىيۈن شىركىتىنىڭ IDC ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا / تېڭشۈن شىركىتى ھوقۇق بەرگەن مۇلازىمەت كارخانىسى

يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى

20 نەچچە سۇپا، يۇمشاق دېتال، تور بېكەت، ئەپ ۋە ئۈندىدار ئەپچەلىرىنىڭ يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى

XJTV

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

XJBS

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

UBS

ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى

PC & Life

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى

Tarim

«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى

Eldawa

ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

Almas

شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى

Uighusoft

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت چەكلىك شىركىتى

Silk Road Cloud

شىنجاڭ يىپەك يولى بۇلۇت تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

Bilkan

شىنجاڭ بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

Orhun

شىنجاڭ ئورخۇن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى

Yarqut

ئۈرۈمچى يارقۇت مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

Uyghar

شىنجاڭ ئۇيغار ئېلان مېدىيا چەكلىك شىركىتى

Chushtaq

چۈشتاق لايىھە خىزمەتخانىسى

Alqin

شىنجاڭ ئەلچىن مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

XJBS

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

PC & Life

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى

Tarim

«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى

Eldawa

ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

Bilkan

شىنجاڭ بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

Herembag

شىنجاڭ ھەرەمباغ مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

XEITS

شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى

ABS GROUP

ABS GROUP ئاۋشېڭ گۇرۇھى

Uighursoft

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت چەكلىك شىركىتى

XJUMC

شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى

Iskender

ئۈرۈمچى ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

slzyx

يېڭىشەھەر ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى

huainanhy

ئەنخۇي خۇەينەن خەتتاتلار ۋە رەسساملار ئاكادېمىيەسى

ORHUN

شىنجاڭ ئورخۇن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى

TURKAN

گۇاڭجۇ تۈركان توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى

RIKORIT

شىنجاڭ رېكورت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

kntom

كېرىيە ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

CHUSHTAQ

چۈشتاق لايىھە خىزمەتخانىسى

Uykuch

شىجاڭ ئۇيكۈچ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

Yarqut

ئۈرۈمچى يارقۇت مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

Baykuq

شىنجاڭ بايكۈچ سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى

Taxkipirwot

شىنجاڭ ئىپتىخار خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

Iztap

شىنجاڭ ئىزتاپ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

Uyghar

شىنجاڭ ئۇيغار ئېلان مېدىيا چەكلىك شىركىتى

Alqin

شىنجاڭ ئەلچىن مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

Kucha

كۇچا ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ

Salamet

ئۈرۈمچى سالامەت بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

    تەسەۋۋۇر كۈچىمىز / Vision
  • يىراققا نەزەر تاشلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن مەسئۇل بولۇشتەك دىيانەت ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسى ئارقىلىق شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. شىركەتنىڭ مەنپەئەتدارلىرىنى رازى قىلىپ، خېرىدار، خىزمەتچى، پايچىك، ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىنى ئۆزىمىزنىڭ قوغلىشىش نىشانى قىلىمىز.
  • بۇرچىمىز / Mission
  • كارخانىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك ياكى ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىمىز. ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش پۇرسىتىنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىمىز.
  • قىممەت قارىشىمىز / Core Values
  • 1. سەمىمىي بولۇش قارىشىمىز: ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سەمىمىيلىكنى ئاساس قىلىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، سەمىمىيلىك، راستچىللىق ۋە ئىشەنچنى ساقلايمىز.
  • 2. مەسئۇل بولۇش قارىشىمىز: بىزدە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش پەزىلىتى بار.
  • 3. ھەمكارلىق قارىشىمىز: ئومۇمىي مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنەۋۋەر كوللېكتىپ بەرپا قىلىمىز. يىراققا نەزەر تاشلاپ، كۆڭلى-كۆكسىمىزنى كەڭ تۇتۇپ، ئەڭ ياخشى ھەمكارلىق ئۈنۈمى يارىتىمىز.
  • 4. يېڭىلىق يارىتىش قارىشىمىز: بىزنىڭ قارىشىمىزدا يېڭىلىق يارىتىش بىر خىل ئالاھىدە خىزمەت ئۇسۇلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىشىلىك ھاياتتىكى بىر خىل ئالاھىدە ئېتىقاد.
  • كارخانا روھىمىز / Enterprise Spirit
  • 1. جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز: ئالغا قاراش، قەتئىي ئېگىلمەس بولۇش، دادىللىق بىلەن ئىسلاھ قىلىش، ئىسلاھات ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش، تەرەققىياتنى ئىستەش. مانا بۇ بىزنىڭ جاسارىتىمىز.
  • 2. قالتىسلىققا ئىنتىلىمىز: رىقابەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز، ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقىنى بايقاشقا، تۈزىتىشكە ماھىر بولىمىز. باشقىلاردىن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىش بىزنىڭ نىشانىمىز.
  • باشقۇرۇش ئىدىيىمىز / Management concept
  • 1. خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلىمىز: خىزمەتچىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۇلارغا ياخشى بولغان خىزمەت شارائىتى ۋە مۇكەممەل تەربىيەلىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىمىز. خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
  • كارخانىنى مەدەنىيەتلىك باشقۇرۇپ، ساغلام كىشىلىك مۇناسىۋەتكە، كەسكىن، تېتىك خىزمەت كەيپىياتىغا، كۆڭۈللۈك ئالاقە شەكلىگە ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ رازىمەنلىكىنى قولغا كەلتۈرىمىز. خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانىنىڭ ماسقەدەملىكىنى ساقلاپ، خىزمەتچىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، خىزمەتچىلەر بىلەن شىركەتنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرىمىز.
  • 2. ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز: تەتقىقات پىلانى ياخشى بولغان بىلەن، ئىجرا قىلىنمىسا قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. قاتتىق ئىجرا قىلىش بىزنىڭ يادرولۇق پىرىنسىپلىرىمىزنىڭ بىرى.
  • بىزدە ياخشى ئىجرا قىلىش كۈچى، ياخشى مېخانىزم، سەمىمىي ھەمكارلىق، ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش قارىشى بار. بىز تايىنىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا - ھەربىر خىزمەتچىمىزنىڭ شىركەتنى سۆيۈشى ۋە خىزمەتكە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى.
  • 3. يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرتىپنى قوغلىشىمىز: شىركەتنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقان بولغاچقا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرىمىز.
  • شىركەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، شىركەتنىڭ باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك باشقۇرۇش مۇھىتى بەرپا قىلىمىز. يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مۇھىتىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ تىجارەت نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

شىركىتىمىز ئاپتونوم رايونىمىزدا خېرىدارلار ئەڭ كۆپ تەۋسىيە قىلغان يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ بىرى. شىركىتىمىزنىڭ %50 كىرىمى كونا خېرىدارلارنىڭ تەۋسىيە قىلىشى ئارقىلىق كەلگەن يېڭى خېرىدارلاردىن، %40 كىرىمى كونا خېرىدارلارنىڭ يېڭى ئېھتىياجىدىن، %10 كىرىمى بازار ئېچىش خادىملىرىمىزنىڭ خىزمەت نەتىجىسىدىن كېلىدۇ.

شىركىتىمىز يۇمشاق دېتال ساھەسىدە نىسبەتەن چوڭقۇر تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئىگە. ھازىرغا قەدەر 500 گە يېقىن شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. نەچچە يىلدىن بۇيان بىز شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى جەريانىدا، كۆپ تەجرىبىلەرنى جۇغلىدۇق. شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ ئاز پۇل خەجلەپ زور ئۈنۈم يارىتىشتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتى بىلەن بىز شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلار ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتىكى سۇپىلارنى ھازىرلىدۇق. بىز مۇلازىمىتىمىز ئارقىلىق، ئورنىڭىز (شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇن)نىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

ئۇنداقتا نېمىشقا بىزنى تاللايسىز؟ تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلىرىمىز بىزنى تاللىشىڭىزغا يېتەرلىك سەۋەب بولغۇسى.

  • شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىزچىل يۇمشاق دېتال ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە بۇ خىزمەتكە ئىزچىل زور كۈچ ئاجرىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز يىللار جەريانىدا شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارغا يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى قىلىپ، ئۆزىمىزگە خاس ئىدىيە ۋە قۇرۇلما شەكىللەندۈردۇق.
  • بىزنىڭ 500 گە يېقىن شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنغا قىلىۋاتقان يۇمشاق دېتال ئېچىش مۇلازىمىتىمىز شۇنى ئىسپاتلىدى: بىز ئىزچىل «خېرىدارنى ھۆرمەتلەپ، مۇلازىمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش»نى ئۆزىمىزگە ئاساسىي نىشان قىلىپ، خېرىدارلارنى ئەمەلىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدۇق. خېرىدارلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇردۇق.
  • يۇمشاق دېتال ئېچىش خىزمىتى نىسبەتەن مۇرەككەپ خىزمەت. خېرىدارلىرىمىزنىڭ بۇنى تولۇق چۈشىنىشى ئۈچۈن بىز ھەربىر يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، تەپسىلىي، مۇكەممەل «تۈر لايىھەلەش پىلانى» تۈزىدۇق. «تۈر لايىھەلەش پىلانى»نىڭ مۇكەممەل، كەسپىي بولۇشى ئۈچۈن، «تۈر لايىھەلەش پىلانى»نى چوقۇم شىركەت باش دىرېكتورى ياكى كەسپىي بۆلۈم دىرېكتورى تۈزۈپ، ھەربىر تۈرگە، ھەربىر خېرىدارغا ئايرىم بىر خادىم مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق.
  • شىركىتىمىزدە پىلان تۈزىگۈچى، پىروگراممېر، تېخنىك ۋە مۇلازىملارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ، كەسپىي خادىملار شىركىتىمىزدىكى خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %90 ىنى ئىگىلەيدۇ. شىركىتىمىز تىپىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى، شۇنداقلا تېخنىكىلىق مۇلازىمەت شىركىتى.
  • شىركىتىمىزدىكى خادىملار ئىچىدە ماگىستىر 2 نەپەر، تولۇق كۇرس 16 نەپەر، مەخسۇس كۇرس 4 نەپەر؛ دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىدا 4-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 1 نەپەر، 3-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 18 نەپەر، 2-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 4 نەپەر. كەسپىي خادىملىرىنىڭ ھەممىسى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ IT غا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەن، ئۆز كەسىپىدە مۇئەييەن ئەمەلىي نەتىجە قازانغان خادىملار.
  • ئۇلار ئىجادىي تەپەككۇرغا، شۇنداقلا مول خىزمەت تەجرىبىسىگە، سېھرىي كۈچكە تولغان يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە.
  • خادىملىرىمىز خېرىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە، پىلان بىلەن لايىھەنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، يۇمشاق دېتالنى باشقىلاردىن پەرقلىق قىلىپ، ئىجادىي ئىشلەپ چىقىدۇ.
  • شىركىتىمىز كۆپ يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە پىروگراممېرلار قوشۇنىغا ئىگە. بۇ خادىملار VS , swift , Objective-C , C/C#/C++ , Java/Android , .NET , ASP , PHP , JSP , CSS , JS قاتارلىق پىروگرامما تۈزۈش تىللىرى ۋە قۇرۇلمىسىغا ناھايىتى پىششىق. يەنە كېلىپ بۇ خادىملار پەقەت پىروگرامما ئاساسىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتال مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىمۇ مۇكەممەل تېخنىكىغا ئىگە. شۇ سەۋەبتىن بىز شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ چوڭ تۈرلىرىنى بىمالال ئۈستىمىزگە ئېلىپ، غەلىبىلىك تاماملاپ كېلىۋاتىمىز.
  • يۇلتۇزسوفت خاسلىققا ئىگە شىركەت. شىركىتىمىز ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ھەققانىي، ئادىللىقنى چىقىش قىلىپ، ھەربىر خادىمنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىپ، خادىملارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
  • بىز كارخانىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك ياكى ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىمىز. ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىمىز. شۇنداقلا يۇلتۇزسوفتنى رايونىمىز، توغرىسى غەربىي شىمال بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتال شىركىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
  •  2019/01/13

    يۇلتۇزسوفت 3 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى. شىركىتىمىز يېڭى بىر يىلدا ئۆتكەن يىللاردىكى تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.

  •  2019/01/10

    شىركىتىمىزنىڭ يېڭى تىجارەت تۈرلىرى تەستىقلاندى. يېڭى تىجارەت تۈرلىرى ئىچىدە رايونىمىزغا نىسبەتەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ھېسابلىنىدىغان «سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدار، چوڭ مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش، رەسىم پەرقلەندۈرۈش (人工智能、大数据、云计算、语音识别、图像识别)» قاتارلىق تۈرلەرمۇ بار.

  •  2018/12/12

    ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 7 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

  •  2018/08/11

    ئەلچى سودىگەرلەر ئىناۋەت سىستېمىسى ئېلان قىلىندى.

  •  2017/12/12

    ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 6 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

  •  2017/05/22

    يۇلتۇزسوفت ئورگان تورىنىڭ 3-نەشرى ئېلان قىلىندى.

  •  2017/05/08-2017/05/19

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى (خەنزۇچە قىسقارتىپ ئاتىلىشى: 新疆网信办) نىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئۇچتۇرپاندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى بىلەن، شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى مەكتەپ، ساقچىخانا، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا «پارتىيەدىن، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دۆلەت تىلى مائارىپىنى چىڭ تۇتۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە ئون نەچچە مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى.

  •  2017/04/20

    شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل يازغان «ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچى پوزىتسىيە بىلدۈردى: ئىناق ئەلدە بەرىكەت بولىدۇ» ناملىق ماقالە خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئارقىدىنلا بۇ ماقالىنى دۆلەت ئىچىدىكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى، ياشىن تورى، شىنجاڭ تورى، قىزىلتاغ تورى، شىنلاڭ تورى، ئىلى تورى، شىچېڭ تورى، شىنجاڭ گېزىتى ئۈندىدار سالونى، دۆڭكۆۋرۈك خەۋەرلىرى ئۈندىدار سالونى قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى يازغان تۇنجى پوزىتسىيە ماقالىسى بولۇپ، كارخانىچىلار ئىچىدە زور تەسىر قوزغىدى.

  •  2017/04/01

    شىركىتىمىز شىنجاڭ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان 5-قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە بولۇش» سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  •  2017/03/04

    شىركىتىمىز شىنجاڭ «IT ئۈچ جەمئىيىتى» كېڭەش ئەزالىرى 2017-يىللىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىغا قاتناشتى.

  •  2017/03/03

    ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كەسىپلەشكەن تۇنجى ساغلاملىق سۇپىسى - ئەلداۋا ساغلاملىق سۇپىسىنىڭ 3-نەشرى ئېلان قىلىندى.

  •  2017/02/28

    شىركىتىمىزنىڭ تېببىي ساھەدىكى يەنە بىر مەھسۇلاتى «ئەلداۋا بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلىغۇچ » ئېلان قىلىندى.

  •  2017/01/16

    شىنجاڭ ئۇيكۈچ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى خەلققە قولايلىق كارتىسى سۇپىسى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى.

  •  2016/12/12

    ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 5 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

  •  2016/11/27

    شىنجاڭ ھەرەمباغ مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قوش تىللىق ئورگان تور بېكىتى ئىشقا كىرىشتى.

  •  2016/11/05

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتى قۇرۇلدى، شىركىتىمىز ھەيئەت ئەزا بولۇپ سايلاندى.

  •  2016/10/07

    تاشقى پىرۋوت تور بېكىتىنىڭ يېڭى نەشرى ئېلان قىلىندى.

  •  2016/09/10

    يۇلتۇزسوفت ئەزالىق كارتا باشقۇرۇش سىستېمىسى پۈتۈپ بازارغا سېلىندى.

  •  2016/09/01

    بۇلۇت تېخنىكىسى قوللىنىلغان، سىفىرلاشقان مائارىپ مۇلازىمەت سۇپىسى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى.

  •  2016/08/27

    شىنجاڭ رېكورت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورگان تورى ئېلان قىلىندى.

  •  2016/06/21

    شىركىتىمىز ئىشلىگەن، IT ساھەسىدىكى يېڭىلىق ھېسابلىنىدىغان «ئەلچىن ئۈندىدار تېلېۋىزىيەسى» ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى.

  •  2016/06/08

    ئاۋشېڭ گۇرۇھى (ABS GROUP) قوش تىللىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىسى ئىشقا كىرىشتى.

  •  2016/05/20

    ئۈرۈمچى سالامەت بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆپ تىللىق ئورگان تور بېكىتى ئىشقا كىرىشتى.

  •  2016/04/21

    شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى بالا شىركەت قىلىپ ئۆتكۈزۈۋالدى.

  •  2016/01/13

    شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى.

  •  2015/10/16

    «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 100 سان نەشر قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

  •  2015/10/11

    تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» خۇلاسە يىغىنى چاقىرىلدى.

  •  2015/10/11

    «ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى»نىڭ 3-نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

  •  2015/09/05

    شىركىتىمىزنىڭ «ئىنتېرنېت+» قۇرۇلۇشى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى.

  •  2015/09/01

    شىنجاڭ جەنۇب ئالتۇن مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قوش تىللىق «يەر-زېمىن» تورى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2015/08/29

    تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» ئاخىرلاشتى.

  •  2015/07/03

    خوتەن ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ قوش تىللىق تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2015/06/17

    شىركىتىمىز 3-قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە خادىم قوبۇل قىلىشنى باشلىدى.

  •  2015/05/23

    «ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى.

  •  2015/05/16

    شىركىتىمىز ICTEF نىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.

  •  2015/04/25

    تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى.

  •  2015/04/22

    ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىلدى.

  •  2015/04/14

    iOS ئۈچۈن قازاقچە «پۈتۈك» ئەپى ئېلان قىلىندى.

  •  2015/04/04

    iOS ئۈچۈن «پۈتۈك» ئەپى ئېلان قىلىندى.

  •  2015/03/29

    «ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى.

  •  2015/02/26

    80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تور بېكىتىنىڭ يېڭى نۇسخىسى ئېلان قىلىندى.

  •  2015/02/25

    يىپەك يولى بۇلۇت تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك كېلىشىم ئىمزالاندى.

  •  2015/02/14

    ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ Windows/WP/iOS ئەپلىرىنى ئەپ بازىرىدا ھەقسىز ئېلان قىلىش پىلانى باشلاندى.

  •  2015/02/08

    Windows Phone ئۈچۈن «IT بىلىملىرى جەمگاھى» ئەپى ئېلان قىلىندى.

  •  2015/01/01

    Windows Phone ئۈچۈن «پۈتۈك» ئەپىنىڭ 2.0 نەشرى ئېلان قىلىندى.

  •  2014/12/20

    «iOS ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى»دا دەرس تاماملاندى.

  •  2014/12/20

    «Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى»دا دەرس تاماملاندى.

  •  2014/11/01

    ئەلداۋا تورىنىڭ يېڭى نەشرى ۋە iOS ، Android ئەپلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2014/10/31

    ئالماس شىركىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى، شىركىتىمىز قاتارلىق سەككىز IT شىركىتىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ كۆپ تىللىق ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى قۇرۇلدى.

  •  2014/09/01

    «ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرى ۋە WP ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى»دا دەرس تاماملاندى.

  •  2014/08/20

    Windows Phone ئۈچۈن «پۈتۈك» ئەپى ئېلان قىلىندى.

  •  2014/08/20

    «iOS ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى»دا دەرس باشلاندى.

  •  2014/08/16

    «Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى»دا دەرس باشلاندى.

  •  2014/07/25

    كۇچا ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قوش تىللىق تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2014/05/03

    «IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇرۇلدى.

  •  2014/04/20

    «ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرى ۋە WP ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى»دا دەرس باشلاندى.

  •  2014/02/18

    شىركەت لىدېرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ كوزېر پىروگراممىسى «ئىستىقبال سەھنىسى»گە قاتناشتى.

  •  2014/02/11

    نۇرلۇق ئۆي-مۈلۈكچىلىكى تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2014/01/27

    ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسى «ئىگىلىك سەھنىسى» ئورگان تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2014/01/05

    گىگانىت گرافىك لايىھە بىلوگى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/12/08

    پاسئان شېئىرىيەت تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/11/28

    «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ئاپتورلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى.

  •  2013/08/25

    يېڭىشەھەر 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىللىق تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/08/01

    تاشقى پىرىۋوت تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/06/15

    گۇاڭجۇ تۈركان توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/05/22

    مۇساباي ئىقتىساد تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/05/01

    يېڭىشەھەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/04/08

    بىلكان شىركىتى ئەنجۈر مۇنبىرى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/03/04

    مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/03/04

    كېرىيە ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/03/01

    بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورگان تورى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/02/25

    كۈلگىن ئۇنىۋېرسال تور بېكىتىنىڭ Metro نۇسخىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/02/03

    لىدېرىمىز ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئالاھىدە پىروگراممىسى «ئىگىلىك سەھنىسى»گە قاتناشتى.

  •  2013/01/22

    ئەنخۇي خۇەينەن خەتتاتلار ۋە رەسساملار ئاكادېمىيىسى تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2013/01/22

    دىلمۇرات تۇرسۇن مىسران گۈزەل-سەنئەت تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2012/12/15

    «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

  •  2012/12/15

    شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئۈچ تىللىق تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2012/10/07

    شىركەت لىدېرى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ياشلىق مىلودىيەسى» پىروگراممىسىدا زىيارەت قىلىندى.

  •  2012/10/01

    «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» باشلاندى.

  •  2012/09/01

    ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2012/04/20

    شىركەت لىدېرى دۆلىتىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارە نەشر قىلىنىدىغان بىردىنبىر كومپيۇتېر ژۇرنىلى - «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش»نىڭ مۇقاۋىسىدا تونۇشتۇرۇلدى.

  •  2012/04/06

    چۈشتاق لايىھەخانىسى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2012/04/06

    چۈشتاق بىلوگى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2012/04/01

    شىركەت لىدېرى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «يەكشەنبىلىك سۆھبەت» پىروگراممىسىغا قاتناشتى.

  •  2012/03/18

    بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2012/02/29

    DedeCMS V5.7 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلدى.

  •  2012/02/21

    كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى بىلەن شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى بىرلەشتى.

  •  2012/02/20

    «كۈلگىن تورى» قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2012/02/13

    شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتىنىڭ نەشرى يېڭى نەشرىدىكى سىستېمىغا ئۆزگەرتىلدى.

  •  2012/02/03

    «شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2012/01/16

    «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2011/12/22

    شىركەت لىدېرى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسى «گۈلىستان» پىروگراممىسىنىڭ تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  •  2011/12/18

    ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى.

  •  2011/12/12

    ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى.

  •  2011/12/11

    «ئامان بول» ساغلاملىق لىنىيەسى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2011/11/12

    گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «شەھەر ئاۋازى» پىروگراممىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  •  2011/10/15

    رايونىمىزدىكى تۇنجى قوش تىللىق تور مۇلازىمەت سۇپىسى Uydata نىڭ يېڭى نەشرى ئېلان قىلىندى.

  •  2011/09/01

    ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئورگان تورى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2011/06/13

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئانا ژۇرنال «تارىم» ژۇرنىلى تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  •  2011/05/26

    گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  •  2011/05/01

    Uydata.com تور مۇلازىمەت سۇپىسى WordPress ئۈچۈن مەخسۇس بوشلۇق ئاجراتتى.

  •  2011/04/12

    شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى.

  •  2011/04/10

    شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «يەكشەنبىلىك سۆھبەت»تە «Blog ھەققىدە سۆھبەت» ئۆتكۈزۈلدى.

  •  2011/03/24

    شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى.

  •  2011/03/18

    گۇرۇپپىمىز دۆلىتىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارە نەشر قىلىنىدىغان بىردىنبىر كومپيۇتېر ژۇرنىلى - «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل ژۇرنالنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

  •  2011/03/13

    DedeCMS V5.6 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلدى.

  •  2011/01/12

    گۇرۇپپىمىز شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «پەن ۋە مائارىپ» پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  •  2010/11/15

    DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى تارقىتىلدى.

  •  2010/09/15

    «شىنجاڭ IT بېكەتلىرى ئائىلىسى» ئېچىۋېتىلدى.

  •  2010/09/10

    «جادۇ كۆز ئىزدەش سۇپىسى» ئېچىۋېتىلدى.

  •  2010/07/17

    DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلدى.

  •  2010/07/06

    گۇرۇپپا مەسئۇلى شاڭخەي جوجو تور چەكلىك شىركىتى DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا تەكلىپ قىلىندى.

  •  2010/07/06

    DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى.

  •  2010/05/17

    تور مۇلازىمەت سۇپىسى Uydata.com ئېچىۋېتىلدى.

  •  2010/02/16

    شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى تەسىس قىلىندى.

  •  2010/02/13

    شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.

بىرىنچى. توختام ۋە ھېسابات باياناتى

شىركىتىمىز بىلەن ئىقتىسادىي توختام تۈزىگەن ئىدارە، شىركەتلەر تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بىلىشكە ۋە ئۆلچەملىك بىر تۇتاش باج تالونى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ شەخسلەر پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ھۆججىتى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

1. شىركىتىمىزنىڭ ئەنگە ئېلىنغان ئۇيغۇرچە تولۇق نامى «شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى» بولۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ماركا نامى بويىچە «يۇلتۇزسوفت» دەپ قىسقارتىپ ئېلىنىدۇ؛ شىركىتىمىزنىڭ ئەنگە ئېلىنغان خەنزۇچە تولۇق نامى 《新疆伟恒星软件开发有限公司》 بولۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ماركا نامى بويىچە 《恒星软件》 دەپ قىسقارتىپ ئېلىنىدۇ.

2. شىركىتىمىزنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسمى ئەمەتجان رۇسۇل بولۇپ، خەنزۇچە 艾买提江·肉苏里 دەپ يېزىلىدۇ.

3. شىركىتىمىزنىڭ ئادرېسى ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا بازىسى 3-قەۋەت 30-ئىشخانا بولۇپ، خەنزۇچە 乌鲁木齐市天山区延安路154号吉利商务基地3楼30室 دەپ يېزىلىدۇ.

4. مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرى 8554813-0991، فاكس نومۇرى 8554814-0991، مۇلازىمەت ئېلخېتى service@yultuzsoft.com دىن ئىبارەت.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولسا، شىركىتىمىزنىڭ ئورگان تور بېكىتى (http://www.yultuzsoft.com) دە ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى. ئەسەر ھوقۇقى باياناتى

1. شىركىتىمىز ئىشلىگەن يۇمشاق دېتال، سۇپا، تور بېكەت، ئەپلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ، «كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقى 计算机软件著作权» غا ئېرىشكەن بولۇپ، يۇمشاق دېتال، تور بېكەت، ئەپلىرىمىزنى يېشىشكە، قانۇنسىز پايدىلىنىشقا بولمايدۇ.

2. شىركىتىمىز ئىشلىگەن يۇمشاق دېتال، تور بېكەت، ئەپلەرنىڭ كۆرۈنمە يۈز (UI) لايىھەلىرى ئەسەر ھوقۇقى بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇلغان بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

ئۈچىنچى. شىركەت ئورگان تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىش باياناتى

1. زىيارەتچىنىڭ ئورگان تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلىشى ياكى ئىشلىتىشى زىيارەتچىنىڭ بۇ باياناتتىكى شەرت ۋە ماددىلارغا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئورگان تور بېكىتىمىز مۇشۇ ماددىلار بويىچە زىيارەتچىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر زىيارەتچى بۇ ماددىلاردىكى مەزمۇنلارغا قوشۇلمىسا، تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلمىسا ياكى ئىشلەتمىسە بولىدۇ.

2. ئورگان تور بېكىتىمىزنىڭ خالىغان ۋاقىتتا بۇ باياناتنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بار، ئەگەر مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولسا، مۇناسىۋەتلىك بەتتە ئۆزگەرگەن مەزمۇنلار ئەسكەرتىلىدۇ. ئەگەر زىيارەتچىلەر ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇنلارغا قوشۇلمىسا، تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلمىسا ياكى ئىشلەتمىسە بولىدۇ. ئەگەر زىيارەتچىلەر بۇ بايانات ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنمۇ تور بېكىتىمىزنى داۋاملىق زىيارەت قىلسا ياكى ئىشلەتسە، بۇ باياناتنى قوبۇل قىلغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

3. ئورگان تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلىشتا ۋە ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىشتا زىيارەتچىنىڭ IP ئادرېسىدىن باشقا ئۇچۇرلىرى خاتىرىلەنمەيدۇ. پەقەت ئالاقە بېتىدە زىيارەتچىنىڭ ئىسمى (ياكى تور تەخەللۇسى)، ئېلخەت ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرىنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. تور بېكىتىمىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ قانۇن دائىرىسىدىكى بىخەتەرلىكىگە، 3-تەرەپكە ئاشكارىلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. لېكىن، زىيارەتچىنىڭ تور كۆرگۈچىسىنىڭ cookies دا ئۇچۇرلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى قاتارلىق شىركىتىمىزگە مۇناسىۋەتسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زىيارەتچى ئۇچۇرلىرى 3-تەرەپكە ئاشكارىلانسا، شىركىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

4. ئورگان تور بېكىتىمىزدىكى ئۇچۇرلاردىن باشقىلارنىڭ رۇخسەتسىز پايدىلىنىشىغا بولمايدۇ.

5. شىركىتىمىز ئورگان تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىگە، توغرىلىقىغا، راستلىقىغا، بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر ئورگان تورىدىكى مەلۇم ئۇچۇر سەۋەبلىك باشقىلارغا زىيان يەتسە، شىركىتىمىز مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ.

6. ئورگان تور بېكىتىمىز ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلمىغان ئەھۋالدىمۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا بىر قىسىم ياكى بارلىق مۇلازىمىتىنى توختىتىش ھوقۇقىغا ئىگە.

* بۇ باياناتنىڭ ئاخىرىقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىركىتىمىز (يۇلتۇزسوفت 恒星软件) گە تەۋە.

ھەمكارلاشقۇچىلار / خېرىدارلار باھاسى


 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك ياكى ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش پۇرسىتىنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر تور، يۇمشاق دېتال مۇھىتى بەرپا قىلىش، يەنە شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش – يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ