IT تۈرلىرىنى پىلانلاش/مەھسۇلاتلاشتۇرۇش

مۇلازىمىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ باققان ئورۇنلارغا مەلۇمكى، شىركىتىمىز تىپىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى، شۇنداقلا تېخنىكىلىق مۇلازىمەت شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، IT (ئۇچۇر تېخنىكىسى) تۈرلىرىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ تاكى مەھسۇلات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىغىچە بولغان قەدەم-باسقۇچلارنى ئىنچىكە، ئەتراپلىق پىلانلاپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

يۇمشاق دېتال ئېچىش

كۆپ تىللىق يۇمشاق دېتال (سۇپا، يۇمشاق دېتال، تور بېكەت، ئەپ ۋە ئۈندىدار ئەپچىسى قاتارلىقلار) ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش - شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يىللاردىن بۇيان مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان نەچچە ئون يۇمشاق دېتالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ پۈتتۈردى.

ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىكى

شىركىتىمىز «ICP ئەنگە ئالدۇرۇش»، «يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»، «يۇمشاق دېتال مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى»، «تېلېگراف قوشۇلما قىممەت كەسىپلىرى تىجارەت ئىجازەتنامىسى»، «تور مەدەنىيىتى تىجارىتى ئىجازەتنامىسى»، «فىلىم ئىشلەش ئىجازەتنامىسى»، «فىلىم تارقىتىش ئىجازەتنامىسى» قاتارلىق رەسمىيەت-ئىجازەتنامىلەرنى ۋاكالىتەن بېجىرىدۇ ۋە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىدۇ.

سۈنئىي ئەقىل/بۇلۇت/چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى

شىركىتىمىز يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىنتېرنېت+ ئىدىيەسى بويىچە ئىشلىگەن بەزى سۇپا تۈرىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە چوڭ مەلۇمات تېخنىكىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەتتى.
ئىزدەش موتورلىرىدىن 人工智能,大数据,云计算,互联网+ ھالقىلىق سۆزلىرىنى ئىزدىسىڭىز، بۇ ھەقتە ئەڭ يېڭى ئۇچۇر ۋە بىلىملەرگە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن.

ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى

ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ ... ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ ... ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ ... ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ ... ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ ...

ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما/مەھسۇلات ئىشلەش

ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ ...

ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى

شىركىتىمىز بۈگۈنگە قەدەر كۆپ تىللىق بىر نەچچە ئېلېكتىرونلۇق سودا (تور سودىسى) سۇپىسىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئاچقان بولۇپ، بۇ جەرياندا، نوقۇل تېخنىكىلىق ئېچىش خىزمىتىدىن باشقا، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى قانداق باشلاش، قانداق يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كىتاب يېزىش، ژۇرنال، تور بېكەتلەردە ماقالە ئېلان قىلىش قاتارلىق بەزى كونكېرت خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى

شىركىتىمىز IT غا دائىر يىغىن ۋە كۆرگەزمىلەرنى پىلانلايدۇ ۋە ئۇيۇشتۇرىدۇ. IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تولۇقلاپ تەييارلىنىۋاتىدۇ ...

IT تېخنىكىلىرىدىن، تۈرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش

سىز مەلۇم تۈرنى ئاچماقچى بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ باش-ئاخىرى ھەققىدە گاڭگىراپ قالغانسىز، ئۇنداقتا، بىزنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.
شىركىتىمىز رايونىمىزدىكى غوللۇق IT شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگان، شىركەت ۋە شەخسلەرگە ئەڭ يېڭى IT ئۇچۇرلىرى، پىلانلىرى، مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە ھەقلىق ۋە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىدۇ.

سالاھىيەتلەر / شەرەپلەر


تىجارەت كىنىشكىسى

شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى تىجارەت كىنىشكىسى

Yultuzsoft ماركىسى

شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى Yultuzsoft ماركىسى

«كىراكەش» ماركىسى

شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى «كىراكەش» ماركىسى

تېلېگراف ئىجازەتنامىسى

تېلېگراف قوشۇلما قىممەت كەسىپلىرى تىجارەت ئىجازەتنامىسى

تور مەدەنىيىتى

تور مەدەنىيىتى تىجارىتى ئىجازەتنامىسى

سىستېما كارخانىسى

كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسى توپلاشتۇرۇش كارخانىسى گۇۋاھنامىسى

يۇمشاق دېتال كارخانا / مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى

يۇمشاق دېتال كارخانىسى گۇۋاھنامىسى / يۇمشاق دېتال مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى

يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى

20 نەچچە سۇپا، يۇمشاق دېتال، تور بېكەت، ئەپ ۋە ئۈندىدار ئەپچەلىرىنىڭ يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى

ئەزا كارخانا

شىنجاڭ «IT ئۈچ جەمئىيىتى» ئەزالىق گۇۋاھنامىسى / شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتىغا ھەيئەت ئەزا كارخانا

تۆھپىكار كارخانا

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسى «گۇاڭدۇڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقۇچى» نامىنى بەرگەن كارخانا

ئەزا كارخانا / پىراكتىكا بازىسى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا / شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇمشاق دېتال ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراكتىكا بازىسى

ھەمكارلىق كارخانىسى

بەيدۇ شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا / ئالىيۈن شىركىتىنىڭ IDC ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا / تېڭشۈن شىركىتى ھوقۇق بەرگەن مۇلازىمەت كارخانىسى

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش

دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا ئاشكارا نەشر قىلىنىدىغان كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت بىردىنبىر ژۇرنال- «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىغا مەسئۇل كارخانا

ئىناق ئەلدە بەرىكەت بولىدۇ

شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل يازغان «ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچى پوزىتسىيە بىلدۈردى: ئىناق ئەلدە بەرىكەت بولىدۇ» ناملىق ماقالە خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.

لېكسىيە

ئاپتونوم رايونلۇق ۋاڭشىنبەن (自治区网信办) نىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئۇچتۇرپاندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى بىلەن، شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردا «پارتىيەدىن، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دۆلەت تىلى مائارىپىنى چىڭ تۇتۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە ئون نەچچە مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى.

ھەمكارلاشقۇچىلار / خېرىدارلار باھاسى


يېڭىلىقلار / ئۇچۇرلار


2020-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە) سەككىز كۈن دەم ئالىدۇ. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى (ج...

  • 2020/9/29
  • 3,341

«تور مەدەنىيىتى تىجارىتى ئىجازەتنامىسى» نى ۋاكالىتەن بېجىرىش ھەققىنى تەڭ...

بۆلۈمىمىز ۋاكالىتەن بېجىرىۋاتقان «تور مەدەنىيىتى تىجارىتى ئىجازەتنامىسى 网络文化经营许可证» نىڭ بىز تەييارلاپ رەتلەيدىغان تۈرلۈك ماتېرىياللىرى تېخىمۇ كۆپەيدى، باسىدىغا...

  • 2020/9/20
  • 13,463

2020-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە) بەش كۈن دەم ئالىدۇ.

  • 2020/7/28
  • 15,807

2020-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 26-كۈنى (سەيشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ...

  • 2020/5/21
  • 28,727

200 گە يېقىن خېرىدار

بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە داڭلىق كارخانىلار

100 گە يېقىن تۈر

بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ مەلۇمات ۋە بۇلۇت تېخنىكىسىغا تايانغان سۇپىلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ

50 خىلغا يېقىن سالاھىيەت ۋە شەرەپ

بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكە ھۆكۈمەت، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بېرىلگەن شەرەپلەرمۇ بار
چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى. يۇلتۇزسوفت قاتارلىق 48 شىركەت ئەزا بولدى.
چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئىنتېرنېت كارخانىلىرى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە ئېچىلدى. شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل شىنجاڭ مىللىي كارخانىلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
«كىراكەش» تاكسى چاقىرىش سۇپىسى V1.0 سىناق نەشرى ئېلان قىلىندى.
شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل يازغان «ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچى پوزىتسىيە بىلدۈردى: ئىناق ئەلدە بەرىكەت بولىدۇ» ناملىق ماقالە خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئارقىدىنلا بۇ ماقالىنى دۆلەت ئىچىدىكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى، ياشىن تورى، شىنجاڭ تورى، قىزىلتاغ تورى، شىنلاڭ تورى، ئىلى تورى، شىچېڭ تورى، شىنجاڭ گېزىتى ئۈندىدار سالونى، دۆڭكۆۋرۈك خەۋەرلىرى ئۈندىدار سالونى قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى يازغان تۇنجى پوزىتسىيە ماقالىسى بولۇپ، كارخانىچىلار ئىچىدە زور تەسىر قوزغىدى.
شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى. ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندە (2016-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى)، شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى بالا شىركەت قىلىپ ئۆتكۈزۈۋالدى.
چۈشتىن بۇرۇن، «ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى (ICTEF)» نىڭ 3-نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» خۇلاسە يىغىنى چاقىرىلدى.

ھەمكارلاشقۇچىلار / خېرىدارلار


People

خەلق تورى

XJTV

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

XJBS

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

Unicom

شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى

Tarim

«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى

ABS GROUP

ABS GROUP ئاۋشېڭ گۇرۇھى

 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ